مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشقا ئورتاق دەۋەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ

2023.08.28 22:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا قارارنى تۈزىتىپ، يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىپ، ئالاقىدار دۆلەت ۋە مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن ياخشى نىيەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يادرو بۇلغىما سۈيىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، يەر شارى دېڭىز-ئوكيان مۇھىتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا ئورتاق دەۋەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ ب د ت يىغىنىنىڭ ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا چىقىرىۋېتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېڭىز-ئوكيان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مال-مۈلكى، تېخىمۇ مۇھىمى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ياشايدىغان كۆك ماكان. 12 يىل ئىلگىرى ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئېغىر ھادىسە يۈز بېرىپ، دېڭىز-ئوكيانغا زور مىقداردا رادىيوئاكتىپلىق ماددا قويۇپ بېرىپ، غايەت زور ئاپەت پەيدا قىلغان. 12 يىلدىن كېيىن، يەنى تۈنۈگۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانى ۋە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۆز ئالدىغا مەجبۇرىي ھالدا يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشنى باشلاپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەتتا دۇنيا خەلقىگە ئىككىنچى قېتىم زىيان يەتكۈزدى. يادرودىن بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش دۆلەت ھالقىغان تەسىرگە ئىگە، ھەرگىزمۇ ياپونىيەنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس. ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاممىۋى مەنپەئەتنى كۆزگە ئىلماي، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا ھالدا يادرو بۇلغىنىش خەۋپىنى ئارتىپ قويدى، بۇ ئىنتايىن شەخسىيەتچىلىك، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: يادرو ھادىسىسىدە بۇلغانغان سۇنى دېڭىز-ئوكيانغا قەستەن قويۇپ بېرىش تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، شۇنداقلا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى يوق. ئۇزاقتىن بۇيان فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشنىڭ دېڭىز-ئوكيان مۇھىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى چۆرىدەپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش ئىزچىل تۈردە مەۋجۇد بولۇپ كەلدى، ياپونىيەنىڭ ئۇسۇلىنىڭ يوللۇقلۇقى، قانۇنلۇقلۇقى، بىخەتەرلىكىمۇ ئىزچىل تۈردە كەڭ دائىرىدە گۇمانغا ئۇچراپ كەلدى. ياپونىيە تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى تازىلاش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشەنچلىكلىكى، يادرو بۇلغىما سۈيىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى، دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش لايىھەسىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئۈنۈملۈكلىكىگە بولغان مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھازىرغىچە ھەل قىلالمىدى. جۇڭگو قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر كۆپ قېتىم ئەگەر يادرودىن بۇلغانغان سۇ بىخەتەر بولسا، دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر بىخەتەر بولمىسا، دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ