مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆزبېكىستان-جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2023.08.28 22:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىللىق (12-نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان-جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دائىرىسى ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىپ» خەلقئارا بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەخسۇس ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئۆزبېكىستان بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ ئۆمەك تەشكىللەپ ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى، گۈللەنمە پەن-تېخنىكا قاتارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلدى.

  ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چېگرا سىرتى كۆرگەزمىسى بولۇپ، ئۇدا 11 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مەزمۇنى كۈنسېرى موللىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق ماركا كۆرگەزمىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ئاقمالخان ئالىمخانوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان باش ئەلچىخانىسى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئورگىنى نامىدا، قىزىقىدىغان، خالايدىغان جۇڭگو كارخانىلىرىنى شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە پائال قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز، ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىنى ئەڭ زور مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، يەنە جۇڭگو شىنجاڭ-ئۆزبېكىستان كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى، گۈزەل شىنجاڭ باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ