مۇھىم خەۋەرلەر

خەلقئارادا گۈرۈچ باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى! ھىندىستان يەنە مۇنداق قارار چىقاردى

2023.08.28 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا خەلقئارادا گۈرۈچ باھاسى تېز ئۆرلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەڭ يېڭى قارار چىقىرىپ، دىستىلەنگەن گۈرۈچ ئېكىسپورتىدىن %20 تاموژنا بېجى ئېلىشنى، ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھىندىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى 25-چېسلا ئېلان قىلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، دىستىلەنگەن گۈرۈچتىن %20 ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان، بۇ ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسى بىلەن بەك چوڭ پەرقلىنىدۇ. 22-چېسلا ھىندىستان ئەمەلدارى دىستىلەنگەن گۈرۈچنى ئېكسپورت قىلىشقا ھېچقانداق چەك قويمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن.

  شۇ جايدىكى سودىگەرلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى چىقارغان گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى بىر قىسىم سېتىۋالغۇچىلارنىڭ گۈرۈچ سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان ھەمدە گۈرۈچنىڭ باھاسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. سودىگەرلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تاموژنا بېجى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دىستىلەنگەن گۈرۈچ تايلاند قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن گۈرۈچكە ئوخشاش قىممەتلىشىپ كېتىدىكەن. بۇ ھىندىستاننىڭ گۈرۈچ ئېكسپورت مىقدارىنى يەنىمۇ ئازايتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر شارى گۈرۈچ باھاسىنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن، ھازىر يەر شارى گۈرۈچ باھاسى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ھىندىستان دېھقانلىرى تەخمىنەن 38 مىليون 400 مىڭ گېكتار شال تېرىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى يەنە خەلق ئاممىسىنى شال تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرغان.

  ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ گۈرۈچ ئېكسپورت دۆلىتى، 2022-يىلى گۈرۈچ ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 22 مىليون توننا بولۇپ، دۇنيا گۈرۈچ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 7-ئايدا دىستىلەنگەن گۈرۈچ ۋە ھىندىستان پۇراقلىق گۈرۈچىدىن باشقا گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. دىستىلەنگەن گۈرۈچ ئادەتتە «چالا پىشقان گۈرۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ شالنى خام ئەشيا قىلىپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى شال ئاقلاش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچ مەھسۇلاتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان 2022-يىلى تەخمىنەن 7 مىليون 400 مىڭ توننا دانلىق زىرائەت ئېكسپورت قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ