مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت ئەمەلدارى: سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشتا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

2023.08.16 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ۋولكېر تۈرك مۇنداق دېدى: سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 4000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 28 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 435 نەپەر بالا بار. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توقۇنۇش كەسكىن بولغانلىقتىن، نۇرغۇن قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى تېخى يىغىۋېلىنمىدى ۋە پەرق ئەتكىلى بولمىدى، شۇڭا قازا قىلغانلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس، ئەمەلىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

  شۇ يەر ۋاقتى 2023-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، سۇدان پورتىدا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، شۇ جايدىكى ئاياللار بىر دوختۇرخانىدا داۋالاش مۇلازىمىتى ئىزدىمەكتە.

  تۈرك يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇداندا ھازىر تەخمىنەن 20 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ سان بۇ يىل 5-ئايدىكىدىن بىر دېگۈدەك قاتلاندى، ئاز دېگەندە 700 مىڭ بالا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

  تۈرك سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، سىياسىي سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئۇرۇش رايونىغا كىرىپ سۇدان خەلقىگە ياردەم بېرىشىگە يول قويۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، توقۇنۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئورگانلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇش 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سۇدان پايتەختى خارتۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پارتلىغان، ئارقىدىن سۇداننىڭ باشقا رايونلىرىغا يامرىغان ھەمدە ھازىرغىچە داۋاملاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ