مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

«شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 - يىل نەشرى)» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

2023.08.03 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  پۈتۈن ئارمىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2019 - يىلى نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 - يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما (2023 - يىل نەشرى)» دېيىلدى)نى تەشكىللەپ تۈزدى، يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.


  شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك ئىدىيە جەۋھىرى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. «پىروگرامما (2023 - يىل نەشرى)» مۇقەددىمە، ئاساسىي گەۋدە قىسىم، ئاخىرقى سۆزدىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 14 باب، 59 پاراگراف، 150 تارماق بولۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان، بۇ ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە پۇختا قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسىي دەرسلىك.


  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن «پىروگرامما (2023 - يىل نەشرى)»نى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىكلەر شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، «پىروگرامما (2023 - يىل نەشرى)»نى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئارمىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ