شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ «نەمۇنىلىك پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ليەنى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئىلھاملاندۇردى

​شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئاۋانگارت پاراشۇتچىلارنى تىرىشىپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك

2023.08.01 23:33 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «نەمۇنىلىك پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ليەنى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلارنىڭ 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى.


  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: سىلەر پېشقەدەم بەنجاڭ خۇاڭ جىگۇاڭنى ئۈلگە قىلىپ، قەھرىماننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ قەھرىماننىڭ ئىزباسارى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭلار، ليەندۈي يىل بويى ئىلغارلىقنى ساقلىدى، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەردىن خۇشال بولدۇم. سىلەرنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت ۋە شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئاۋانگارت پاراشۇتچىلارنى تىرىشىپ تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  «نەمۇنىلىك پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ليەنى» شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە قەھرىمان ليەندۈي بولۇپ، ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمان خۇاڭ جىگۇاڭ ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلگەن. بۇ ليەن ئۇزاقتىن بۇيان ئەنئەنىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىنى سۆيۈش، ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاتاكىغا ئۆتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئۇدا نەچچە ئون يىل ئىلغارلىقنى ساقلاپ كەلدى. 2013 - يىلى، شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، بۇ ليەنگە «نەمۇنىلىك پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. 2014 - يىلى گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ بۇ ليەننىڭ شۇ چاغدىكى جىداۋيۈەنىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. يېقىندا، ليەندۈيدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جۇشىغا خەت يېزىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى يەردە قويماي، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىش ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ