شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ كەيبر ئۆلكىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدە بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھبازغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.08.03 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدە بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كەيبر ئۆلكىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدە پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، داۋاملىق تۈردە پاكىستاننىڭ دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، مەزكۇر رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق قوغدايدۇ.


  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھبازغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ