شى جىنپىڭ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.08.01 23:35 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان، ئالدىن سىناق قىلىنىدىغان مۇھىم تۈر. 2013 - يىلى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كارىدور قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم دەسلەپكى باسقۇچلۇق ھاسىلات شەكىللەندۈرۈپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شۇنداقلا رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە ياخشى ئاساس سالدى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى جۇڭگو - پاكىستاننىڭ دائىملىق دوستلۇقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىللە يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارىدورنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر پاكىستان تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «جانجىگەر» دوستلۇقنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەتتا رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ