شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇننى چىڭ كۆزلەپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2023.08.03 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، «دۇسۇرۇي» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، خۇابېي، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈزبېرىپ، بېيجىڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا ئېغىر، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دەل «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇننى چىڭ كۆزلەپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفىڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ