سەي چى بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2023.08.07 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 3-چېسلا بېيدەيخېدا دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.


  ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ يىللىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان 57 مۇتەخەسسىس دۆلەت ئىچىدىكى پەن- تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ساھەسىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.


  سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى، جۇڭخۇا زېمىنى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان، ئىستىقباللىق مۇنبەت زېمىنغا ئايلانماقتا.


  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، مۇتەخەسسىسلەر دەم ئېلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن پارتىيە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرماقتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، « تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارغا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك .


  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې، دۆلەت كومىسسارى چېن يىچىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شىنجى يوقلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


  


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ