ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېيدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك قوماندانلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

2023.08.08 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جوجوۋ شەھىرىدىن خەۋەر كەلدى −


  ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى ساقلانغان 28 كەنتنىڭ ھەممىسى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بولۇندى، پۈتۈن شەھەردىكى جەمئىي 402 كەنتنىڭ ھەممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق غول يوللارغا يىغىلىپ قالغان سۇ ئاساسىي جەھەتتىن ياندى، ئاپەت سەۋەبىدىن توك ئۈزۈلۈپ قالغان 75 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلدى.


  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېبېي ئۆلكىسى بويىچە 1 مىليون 589 مىڭ 700 ئامما يۆتكەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن 961 مىڭ 200 ئادەم يۆتكەلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ھەممىسى جىددىي راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.


  خېبېي ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىكى، كۈچلۈك قوماندانلىقىدا يەن، جاۋ زېمىنى جىددىي سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.


  (1)


  7- ئاينىڭ ئاخىرى دەل دۆلىتىمىزدە «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ باشلىرى»دىكى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلى.


  7- ئاينىڭ 28 - كۈنى، بۇ يىلقى 5 - نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «دۇسۇرۇي» فۇجيەن دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن تەدرىجىي ئاجىزلايدىغان باشقا تەيفېڭ بورانلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، «دۇسۇرۇي» داۋاملىق «ئۇزۇن يول» بېسىپ، ھۆل - يېغىن بۇلۇت توپىنى تەدرىجىي شىمالغا سۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا بىۋاسىتە قىستاپ كەلدى.


  «بۇ تەيفېڭ بورىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.» تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرى مۇداپىئەگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.


  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات «دۇسۇرۇي»نىڭ كۈچلۈك «ھەيۋىسى»دىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى − 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭنىڭ غەربىي قىسمى، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، سەنشىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ، بېيجىڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغ ئالدى ۋە جەنۇبىي قىسمى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر ياغىدۇ. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇر ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاپەت پەيدا قىلىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.


  خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پۈتۈن مەملىكەت «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدىكى كەلكۈن، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئامبارلىرىدا خەتەر كۆرۈلۈش ۋە شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.


  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر قاتار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش دەرھال يولغا قويۇلدى:


  − 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 12دە، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، شەندۇڭ، سەنشىدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 3 - دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى.


  − 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئېغىر، زور مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت (قارا يامغۇر) 1 - دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى.


  − 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 2 - دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى.


  قارا يامغۇر يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.


  خېبېي ئۆلكىسى بويىچە يېرىمدىن كۆپرەك ناھىيە (رايون) كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زور مىقداردىكى كەلكۈن داشېخې دەرياسى، شياۋچىڭخې دەرياسى، تاڭخې دەرياسى، شاخې دەرياسى قاتارلىق دەريا يوللىرى ئارقىلىق ئارقا - ئارقىدىن خېبېيغا ئېقىپ كىرىپ، ئۆلكە بويىچە 2 مىليون 222 مىڭ 900 نوپۇس ئاپەتكە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جوجوۋنىڭ سۇ بېسىپ كەتكەن كۆلىمى بىرمەھەل شەھەر رايونىنىڭ %60ىگە يەتتى، يىغىلىپ قالغان سۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە، ئەڭ چوڭقۇر يېرى بەش مېتىردىن ئالتە مېتىرغىچە يەتتى!


  خېبېيدىكى ئاپەت ئەھۋالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ جوجوۋ قاتارلىق جايلارنىڭ سۇ ئورنى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، خېبېي ئۆلكىسىنى كۈچ توپلاپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، شەھەر رايونىدا كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىشنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى.


  8- ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى جايلار ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك»، «تاغلىق رايونلاردىكى ھۆلچىلىك، كەلكۈن ئاپىتى خەۋپ - خەتىرى ئېغىر جايلاردا چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك»، «ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كەنتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشىش كېرەك»، «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يۆلەنچۈكى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك».


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشىغا ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


  كەلكۈننىڭ ئۆزى بۇيرۇق، خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ ئۆزى جەڭ. خېبېي زور مىقداردىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى:


  − جوجوۋ شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يار ئېغىزىنى توسۇشقا تەشكىللەپ، كەلكۈننىڭ شەھەرگە كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى؛


  − سۇ سۈمۈرۈش، سۇ چىقىرىۋېتىش پومپىسى قاتارلىق سۇ تارتىش - چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، سۇ چىقىرىۋېتىش سالمىقىنى زورايتتى؛


  − ھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنلىرىغا قارىتا ھەر كۈنى «ماسلىشىپ» ھەمتۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇپ، تەييارلىق ھالىتىنى ساقلىدى، ئۆلكە بويىچە 4705 خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى، 105 مىڭ 988 ئادەم ھەرىكەتكە كەلدى؛


  ...


  قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك −


  «ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى، بولمىسا ھاياتىمغا خەۋپ يېتەتتى.» 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 19لاردا، خېبېي لەيشۇي ناھىيەسى زىشىكوۋ كەنتىنىڭ 78 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ليۇ دېجۇڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىنى گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلدى.


  ليۇ دېجۇڭنىڭ ئۆيى كەنت بويىدا بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەلكۈننىڭ قورشاۋىدا قالغانىدى. قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىمى بېلىگە ئارغامچىنى چىڭ باغلاپ، خەۋپ - خەتەرگە قارىماي سۇغا چۈشۈپ قارشى تەرەپكە ئۈزۈپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ئارغامچىنى تارتىپ، ھوشىدىن كېتەي دەپ قالغان ليۇ دېجۇڭنى رېزىنكە قولۋاق بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


  تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ يۆتكەش −


  «بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم كەلدى!» 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، لەيشۇي ناھىيەسىنىڭ يېسەنپودا قاپسىلىپ قالغىنىغا تۆت كۈن بولغان بىر توپ ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن چۇرقىرىشىپ كەتتى.


  قارا يامغۇر سەۋەبىدىن يول يۈزى گۈمۈرۈلۈپ كەتتى، يول توسۇلۇپ قالدى، بىر مەكتەپتىكى 45 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى يېسەنپودىكى ۋەنشىن مېھمانسارىيىدا قاپسىلىپ قالدى، بىللە قاپسىلىپ قالغانلاردىن يەنە بۇ مېھمانساراينىڭ 15 خىزمەتچىسى بار ئىدى. باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى خەۋپ - خەتەرگە قارىماي، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئاخىر بىخەتەر رايونغا يۆتكەپ چىقتى.


  (2)


  ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.


  بوتۇلكا - بوتۇلكا مىنېرال سۇلار، خالتا - خالتا بولكىلار ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى... لاڭفاڭ شەھىرى ۋېنئەن ناھىيەسى سۇچياۋ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇۋالماقتا ئىدى.


  «بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقتا ئىككى خىل قورۇما، بىر شورپا ۋە ئاساسلىق تاماق بار، تاماقتىن كېيىن يەنە ئالما، شياڭجياۋ، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.» يۈەنكوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بىرقەدەر خاتىرجەم بولدۇق، ئەڭ مۇھىمى ئائىلەمدىكىلەر تىنچ - ئامان.


  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ جوجوۋ شەھىرىگە بېرىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى پائال ماسلاشتۇردى، ياردەم بەردى؛ بېيجىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش گۇرۇھى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تۆت يۈرۈش چوڭ تىپتىكى سۇ تارتىش - چىقىرىۋېتىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، 14 ئاپتوموبىل، 63 كىشىنى ئەۋەتىپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تارتىش - چىقىرىۋېتىش خىزمىتىگە ياردەم بەردى.


  «نۆۋەتتە جوجوۋ شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق غول يوللاردا يىغىلىپ قالغان سۇلار ئاساسەن ياندى، بەزى جايلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى يەنىلا بىرقەدەر ئېغىر، تارتىش - چىقىرىۋېتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.» بېيجىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چۈ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سۇ تارتىش - چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى سائىتىگە 12 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، دوختۇرخانا، تىرانسفورموتور پونكىتى قاتارلىق مۇھىم ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدە سۇ باسقان چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايونلاردىكى سۇ ئالدىن تارتىۋېتىلىدۇ، چىقىرىۋېتىلىدۇ.


  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، پۈتۈن خېبېي ئۆلكىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىلچە بوشىشىپ قالماي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى.


  دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرىنچى ۋاقىتتا خېبېيغا قارىتا دۆلەت 4 - دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى، ئارقىدىن يەنە 3 - دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى دەرھال كەلكۈن ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ بىرىنچى سەپتە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەتچى خادىملار ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خېبېيغا ئاپەتتىن كېيىنكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىشنى قوللىدى.


  خېبېي ئۆلكىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. ئۆلكىلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى كېچىلەپ توققۇز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا ئاجراتتى؛ ئاپەت رايونىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى سەييارە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشىك ئالدىغىچە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يارىلانغان، كېسەل بولغان ئاممىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ئاپەت رايونىدىكى بۇلغانغان ئىچىدىغان سۇنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش شەكلىدە چارلاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى.


  يوللار پۈتۈن كۈچ بىلەن جىددىي راۋانلاشتۇرۇلماقتا −


  خېبېي ئۆلكىلىك قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى «ئۈزۈلگەن ھامان جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي رېمونت قىلىنغان ھامان قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان يول بۆلەكلىرىدە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۆۋرۈكى ياساش، ۋاقىتلىق يان يول ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان يول بۆلەكلىرىنى 24 سائەت ئىچىدە جىددىي راۋانلاشتۇردى، ئالاھىدە ئەھۋالدا 48 سائەت ئىچىدە جىددىي راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سۇ بۇزۇۋەتكەن قاتناش ئۈزۈلمىگەن يول بۆلەكلىرىگە قارىتا چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يانتۇلۇقتىكى غۇلاپ چۈشكەن تاشلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن يول ئۇلىنى بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى.


  خېبېي ئۆلكىلىك تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى ئاسراش - راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زاڭ يەنچىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 16گىچە، 1011 ئورۇندا يول جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى، بۇ، %81نى ئىگىلىدى. ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى تاشيولىدا 90 ئورۇن جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى، بۇ، %70نى ئىگىلىدى، يېزا تاشيوللىرىدا 916 ئورۇن جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى، بۇ، %82نى ئىگىلىدى.


  سىگناللار قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى −


  8- ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردىلا، خېبېي جوجوۋنىڭ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلىرىدىكى نۇرغۇن ئامما مۇنداق قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدى: «جوجوۋدىكى يۇرتداشلار، قارا يامغۇر سەۋەبىدىن خەۋەرلىشىش ئۈزۈلۈپ قالدى... ھازىر تور توختاپ قالغان رايوندىكى ئاممىۋى تور خەۋەرلىشىشىنى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تېزدىن ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، سەۋرچانلىق بىلەن قۇتقۇزۇش - ياردەمنى كۈتۈڭلار. ئامان بولۇڭلار!»


  خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى. ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش تىجارەت كارخانىسى دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، تېزلىكتە جوجوۋغا ياردەم بەردى.


  چىراغلار ئارقا - ئارقىدىن ياندى −


  خېبېيدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارماقلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جىددىي رېمونت قىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ تيەنجىن، شىمالىي خېبېي، سەنشى قاتارلىق جايلاردىكى شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلىش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تۆۋەن بېسىملىق توك تارقىتىش ئاپتوموبىللىرى ھەم كىچىك تىپتىكى گېنېراتورلارنى تەقسىملەپ خېبېيغا ياردەم بەردى.


  پۇقرالارنىڭ «كۆكتات سېۋىتى» مۇقىم كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئۆلكە بويىچە گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، سۈت، مېۋە قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ مال مەنبەسى يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى؛ ئەگەشمە ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئوئاپەتلەرنى چارلاش، ئالدىن سىگنال بېرىش كۈچەيتىلدى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلدى، تىزگىنلەندى؛ مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۆلكە بويىچە جەمئىي 320دىن ئارتۇق سەھىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى، 1000دىن ئارتۇق كىشى ئەۋەتىلدى...


  باۋدىڭ شەھىرى يىشيەن ناھىيەسى چىيۈ يېزىسىدىكى بىر گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيداندا، 70 نەچچە كەنت ئاھالىسى 100 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ماددىي ئەشيا كۈچ ئۇلاپ «يەتكۈزۈش بەلبېغى»نى شەكىللەندۈرۈپ، بولكا، تەييار چۆپ قاتارلىقلارنى توشۇۋاتاتتى.


  «قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى جىددىي راۋانلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۇرتداشلارمۇ ئۆزىنى پائال قۇتقۇزۇپ، ماددىي ئەشيالارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توشۇدى.» سۇ ئورنىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىيۈ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ فېيفېي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولۇڭ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار».
(3)


  نۆۋەتتە، بۇ نۆۋەتلىك ھۆل - يېغىن كۆرۈنەرلىك پەسەيدى، لېكىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يەنىلا ئەڭ كۈچەيدىغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.


  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇردى، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىرىنچى سەپتە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئالاقىدار ۋىلايەت، شەھەر، نازارەت، ئىدارىلەر كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتتى، كەڭ كادىرلار، ئامما ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


  سۇچىلىق قۇرۇلۇشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم بىخەتەرلىك «توسۇقى».


  8- ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 12لەردە، خېبېي شىڭتەيگە جايلاشقان لىنچېڭ سۇ ئامبىرىنىڭ بىرىنچى كەلكۈن چۈشۈرۈش يولى. توسما ئېغىزىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، تۆۋەنگە ئېقىۋاتقان سۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئامباردىن چىقىرىش مىقدارى سېكۇنتىغا 100 كۇب مېتىردىن 50 كۇب مېتىرغا ئازايدى.


  «بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇردىن بۇيان، لىنچېڭ سۇ ئامبىرى كەلكۈن توسۇش، كەلكۈن قاچىلاش، كەلكۈن يۇقىرى پەللىسىنى پەسەيتىش، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامباردىن چىقىرىش مىقدارىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ بېسىمىنى يەڭگىللەتتى» دېدى لىنچېڭ سۇ ئامبىرى ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىڭ تونۇشتۇرۇپ.


  خېبېي ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن خەۋەر كەلدى: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، ئۆلكە بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 32 سۇ ئامبىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەلكۈن پەللىسى پەسەيتىلدى، كەلكۈن پەللىسى توسۇلدى؛ شياۋچىڭخې دەرياسىنىڭ كەلكۈن تارقاقلاشتۇرۇش رايونى، لەنگوۋۋا، دۇڭديەن قاتارلىق كۆپ جايدىكى كەلكۈن قاچىلاش رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 1 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن تارقاقلاشتۇرۇلدى، ئازايتىلدى.


  8- ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردا ئەگەشمە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ھەرگىز بوشىشىپ قالماسلىقنى ئەسكەرتتى.


  قىيان، گېئوئاپەت خەۋپ - خەتەر رايونلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، خېبېيدىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قارا يامغۇر، قىيان، گېئوئاپەت قاتارلىق ئاپەتلەردىن ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، ئىلمىي، كۈچلۈك ئالدىنى ئالدى ۋە تاقابىل تۇردى.


  8-ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 7گىچە، جاڭجياكوۋ، چېڭدې، باۋدىڭ، خەندەن، شىڭتەي، شىجياجۇاڭ، چىنخۇاڭداۋ قاتارلىق يەتتە شەھەردىكى 40 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە 10 مىڭ 934 قېتىم قىيان ئاپىتىدىن ئالدىن سىگنال بېرىلدى، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش سۇپىسى ئارقىلىق 90 مىڭ 700 كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇل خادىمىغا جەمئىي 389 مىڭ 800 پارچە ئالدىن سىگنال بېرىش قىسقا ئۇچۇرى ئەۋەتىلدى، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار ئالدىن سىگنال بېرىش رادىيوسىدىن 28 مىڭ 500 پونكىت قېتىمنى يولغا قويدى.

  


  خېبېي ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە قىيان ئاپىتى مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەر ئالدىن سىگنالىنى يەتتە باسقۇچ ئېلان قىلىپ، ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاممىغا قىيان ئاپىتى مېتېئورولوگىيە ئالدىن سىگنالى قىسقا ئۇچۇرىدىن 220 مىليون پارچە تارقاتتى.


  نۆۋەتتە، كەلكۈن يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىندىن تۆۋەنكى ئېقىنغا قاراپ سىلجىماقتا، كەلكۈن سۈيىنى قانداق قىلغاندا دېڭىزغا بىمالال يەتكۈزۈش كېيىنكى قەدەمدىكى مۇھىم نۇقتا.


  خېبېي ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: كەلكۈن قاچىلاش رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ ئايرىۋېتىش توسمىسى، قورشاش توسمىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈننى تارقاقلاشتۇرۇش ئېقىم مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تىزگىنلەپ، سۇ بېسىپ كەتكەن دائىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلكۈن قاچىلاش رايونلىرىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.


  ھازىرغا قەدەر، خەيخې دەرياسى ۋادىسىدا نىڭجىنبو، دالۇزې، شياۋچىڭخې كەلكۈن تارقاقلاشتۇرۇش رايونى، لەنگوۋۋا، دۇڭديەن، شيەنشيەن ناھىيەسىدىكى تاشقىن رايونى، گۇڭچۈشى، يۇڭدىڭخې دەرياسى تاشقىن رايونى قاتارلىق سەككىز كەلكۈن قاچىلاش رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.


  «كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندە، جەزمەن ئالدى بىلەن رايون ئىچىدىكى خادىملارنى يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن چېكىندۈرۈش كېرەك.» خېبېي ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىكى قورشاش توسمىسى، ئايرىۋېتىش توسمىسى، بىخەتەر رايوندىكى قورشاش توسمىسى قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن ۋاقتىدا، بىخەتەر، تەرتىپلىك پايدىلىنىشقا ۋە ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.


  ئاساسىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى.


  خېبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى پىلانلاش، سېتىۋېلىش، باشقۇرۇش، يۆتكەش خىزمىتى مېخانىزمى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئۇچۇرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەشنىڭ راۋانلىقى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاقتىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


  خېبېي جوجوۋ كەسپىي مائارىپ مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا مۇخبىرلار ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بۇ يەرگە ئارقا - ئارقىدىن يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان تەخمىنەن 2600 ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييارلىق قىلدى.
جوجوۋ شەھىرى جەمئىي 8755 كىشىدىن تەركىب تاپقان 28 جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇپ ھەم جوجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىم قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى ھەم ھەممىسىگە ئاتاكا قولۋىقى ۋە چوڭ تىپتىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش كەسپىي ئەترىتىنى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇش، نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
مۇشۇ پەيتتە، خېبېي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئىزدەپ قۇتقۇزۇۋاتىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، چوقۇم ئاپەتكە ئۇچرىغان كەڭ ئاممىنى يېتەكلەپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!
(مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، چى جۇڭشى، لىن خۇي، جوۋ يۈەن، جاڭ تاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ