لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2023.08.01 23:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مۇددىتى توشقان باسقۇچلۇق سىياسەتنىڭ كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تەتقىق قىلىندى، شەندۇڭ شىداۋۋەن، فۇجيەن نىڭدې، لياۋنىڭ شۈداباۋ يادرو ئېلېكتىر تۈرىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، «گوۋۇيۈەننىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى توققۇز شەھەردە شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ ئىچكى جايلاردا كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە سىياسەت زاپىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەھۋالغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى، بىرىكىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ئەلئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قەتئىي تۈزەش؛ كاپىتال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش؛ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئۆي مۈلۈك كەسپى سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج، ئوخشاش بولمىغان شەھەر قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى توپلاشتۇرۇپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن قېزىش؛ مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇسكار، ماس، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مۇددىتى توشىدىغان باسقۇچلۇق سىياسەتكە قارىتا كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىش-كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى داۋاملاشما سىياسەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ، چېتىلىدىغان ساھەلىرى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇش كېرەك.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىخەتەرلىك-يادرو ئېلېكتىر تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئاساسەن يېڭى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇپ بولغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن زەنجىر، پۈتۈن ساھەنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى توققۇز شەھەردە شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ ئىچكى جايلاردا كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى


  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ