«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.08.03 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنزۇچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىسى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا مەملىكەتتە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەھرىرلەش كومىتېتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومى 2023-يىلى 4-ئايدا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە قوشۇنىنى تەشكىللەپ، 2023-يىلى 7-ئايدا يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومىنى تەرجىمە قىلىپ تاماملىدى. «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاز سانلىق كادىرلىرى، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-،2-تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنزۇچە نۇسخىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى؛ يىزۇچە، جۇاڭزۇچە نۇسخىسىنى مىللەتلەر نەشرىياتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى، گۇاڭشى مىللەتلەر نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلىپ تارقاتتى.




  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ