لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2023.08.10 01:17 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىندى


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىندا تەيفېڭ بورىنى ۋە قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، قىسمەن رايونلار ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر كەلكۈن مەزگىلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە تەيفېڭ بورىنى قۇرۇقلۇققا چىقىش، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى بار، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەۋقەنى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، چوڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، تەتقىق قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش لازىم. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى، پاكىز سۈيى بولۇشىغا، كېسىلى بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چوڭ ئاپەتتىن كېيىن چوڭ يۇقۇم كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يول، توك، سۇ، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تېز رېمونت قىلىپ، ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئېتىز ۋە يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى پائال تۈردە تولۇقلاپ تېرىپ قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزدىن باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىشى ياكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش باشلاپ مەكتەپكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىراقنى كۆزلەپ، شىمالىي رايونلارنىڭ سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تېزدىن ئاجرىتىپ، ئالدىن ئاجراتقىلى بولىدىغانلىرىنى ئالدىن ئاجرىتىپ، تۆلەم بېرىش، قۇتقۇزۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكى، باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە دېھقانلارنى قەرز جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتا تۆلىمى يېشىل يولىنى ئېچىپ، تۆلەم بېرەلەيدىغانلىرىغا تېز تۆلەم بېرىپ، تۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۆلەپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ