«نيۇ يورك پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئاۋكلاند شەھىرىدە سەرگەردانلار تېز كۆپەيگەن، ئۈستى ئوچۇق زەھەر سودا بازىرى، ئەۋج ئالغان ئوغرىلىق قىلمىشى ۋە تارقاق دالىدا قونۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇ شەھەرنى «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان» قىلىپ قويغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاۋكلاند شەھىرىدىكى بىر مەھەللە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېنېكا سىكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئاۋكلاند شەھىرىدىكى نۇرغۇن سەرگەردانلار يەرلىك ئەمەس، بەلكى زەھەر چەككىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەن. يېقىندا زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر بۇ شەھەردىكى «فېنتانېل ئارىلى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈستى ئوچۇق زەھەر بازىرىغا يىغىلغان.
سىكوت مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ ئوڭۇشلۇق ۋە قولايلىق ھالدا زەھەرگە ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە ئوغرىلىق قىلىپ زەھەر چېكىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە قانۇن ئىدارە قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ».
سىكوت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋكلاندنىڭ ئۈستى ئوچۇق زەھەر بازىرى ۋە دالىدا قونۇشقا يول قويۇشى بۇ شەھەردە سەرگەردانلار كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەب، ھەمدە ئاساسىي جەھەتتىن بۇ جايدىكى ھەممە نەرسە زەھەر سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەھۋال ئاۋكلاندنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان قىلىپ قويدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،2015-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، ئاۋكلاندتىكى سەرگەردانلارنىڭ سانى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپىيىپ، 5000دىن ئاشقان.
بىر تۈرلۈك يەرلىك خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %36 ئادەم سەرگەردانلار كىرزىسىنى ئاۋكلاند 2023-2024 مالىيە يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئويلىشىدىغان ئىش دەپ قارايدىكەن، %63 ئادەم ئاۋكلاند شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىمايدىكەن.
خەۋەردە تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2022-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گاۋىن نېۋسوننىڭ ئىشخانىسى ئاۋكلاند ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ شۇ جايدىكى سەرگەردانلار لاگېرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
مەنبە: خەلق تورى