مۇھىم خەۋەرلەر

ئۇ يەر ئىنسانلار دۇنياسىدىكى زۇلمەت جاي

___ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسىمىنىڭ سابىق «ئۆسمۈرلەر ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى چىڭشۈي يىڭنەننى مەخسۇس زىيارەت

2023.08.16 00:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن دائىم ئويلايمەن، شۇنچە كۆپ <مارۇدا> لار (ياپونىيە ئارمىيەسى تۇتۇپ كېلىپ تەجرىبە قىلىدىغان تىرىك ئادەملەر) ئۆلدى، ياپونىيەلىك ئەترەت ئەزالىرىمۇ ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈلدى، 731-قىسىم نېمىشقا بۇنچە كۆپ يامانلىقلارنى قىلىدىغاندۇ؟» دۇنيادىكى بىردىنبىر ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان ئاشكارا گۇۋاھلىق سۆزى ئېلان قىلىپ ياپونىيە باكتېرىيە قىسىمىنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشنى خالايدىغان، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسمى (قىسقارتىلىپ 731-قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ سابىق ئەزاسى، بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەن چىڭشۈي يىڭنەن يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 78 يىل بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ كۆڭلى يېرىم بولدى.

  1945-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئايدا ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ياپونىيەگە قېچىپ كەتكەنگە قەدەر تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن چىڭشۈي يىڭنەن 731-قىسىمدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاجىئەلىك مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتالمىغان.

  ناگانو ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە، چىڭشۈي يىڭنەن بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا: «بۇ بالا دەل مەن» دېدى. بۇ 731-قىسىم «ئۆسمۈرلەر ئەترىتى» ئەزالىرى ۋە يېتەكچى ئوفىتسېرنىڭ خاتىرە سۈرىتى ئىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ناگانو ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەن 14 ياشتا ئىدىم، مەكتەپتىكى مۇئەللىم مېنى خاربىنغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلدى. مۇئەللىم مېنىڭ قىسىمغا بېرىپ «پىراكتىكانت تېخنىك» بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتى، قايسى قىسىمغا بېرىپ كونكرېت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى پەقەتلا بىلمەيتتىم، بۇ سۈرەت مەن ئەمدىلا ئەترەتكە كىرگەندە تارتىلغان.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەترەتكە مەن بىلەن بىللە 34 ئادەم كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئۈچى «مائارىپ بۆلۈمىنىڭ پىراكتىكا ئۆيى»گە تەقسىم قىلىندى، ئۇ ئۆي مۇشۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە.

  چىڭشۈي «كانتون ئارمىيەسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-سۇ بىلەن تەمىنلەش قىسمى مانجۇرىيە 731-قىسىم خەرىتىسى»نىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدۇق، كېيىن چاشقاننىڭ بەدىنىدىن بەدەن سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈردۇق. ئەگەر بار بولسا، بۇ كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى ئۆستۈردۇق. يېتىشتۈرگەن كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئۇ چاغدا پەقەتلا بىلمەيتتىم.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېتەكچى ئوفىتسېر مەندىن پراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باكتېرىيە ئۇرۇشىنىڭ مەخسۇس تېخنىك خادىمى بولغۇم بارلىقىنى ياكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغۇم بارلىقىنى سورىدى. ئەگەر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولماقچى بولسام، ئاز دېگەندە ئۈچ جەسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چىڭشۈي يىڭنەن بىردەم توختىۋېلىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى: مەن تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغۇم بار دېدىم، شۇنىڭ بىلەن يېتەكچى ئوفىتسېر مېنى باش ئىشتابنىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئەۋرىشكە ئۆيىگە باشلاپ كىردى، پەقەت مېنىلا ئېلىپ كەلدى.

  چىڭشۈي يىڭنەن يەنە توختاپ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن داۋام قىلدى:

  مەن نۇرغۇن بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆردۈم، ھەر خىل ئەزالار بولۇپ، ھەممىسى فورمالىن قاچىلانغان بوتۇلكىغا چىلانغان، نەچچە قەۋەت جازىغا لىق تىزىلغان. بۇ چاغدا يېتەكچى ئوفىتسېر ماڭا بۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى مارۇدالارغا تىرىك تەن ئاناتومىيە تەجرىبىسى قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

  «مارۇدا» ياپون تىلىدا تەبىئىي ياغاچ، ياغاچ ماتېرىيالى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ياپون ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېلىنىپ تەجرىبە ئىشلىنىدىغان تىرىك ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتۇپ كېلىنىپ تىرىك تەن تەجرىبىسى قىلىنغان بۇ كىشىلەر ئىچىدە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭچىلىرىمۇ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار، يەنە چاۋشيەن، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ئەسىرلىرىمۇ بار ئىدى.

  1949-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرقتىكى دېڭىز ساھىلى شەھىرى خاباروۋسكىدا ھەربىي سوت تەسىس قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ باكتېرىيە ئۇرۇشى قىلغان 12 جىنايەتچىسىنى سوتلىدى. سوتتا 731-قىسىم باكتېرىيە ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان چۈەنداۋچىڭنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، 731-قىسىم تەجرىبە ئۈچۈن جۇڭگو، چاۋشيەن، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيە-خەلقىدىن 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

  «ھازىر ياپونىيەدە نۇرغۇن كۈچلەر پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا <ئۇچرىغان زىيانكەشلىكى>نىلا تىلغا ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ۋە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى زادىلا تىلغا ئالمايدۇ، 731-قىسىمنىڭ سابىق ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆلىرى ۋە ماتېرىياللارمۇ <بالىلارغا بۇنداق رەھىمسىز رېئاللىقنى ئېيتىپ بېرىشكە ماس كەلمەيدۇ> دېگەننى باھانە قىلىپ ئاشكارا كۆرسىتىلمەيدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ياپونىيە ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى، بىزنىڭ بالىلارغا دەپ بېرىشىمىز كېرەك بولغىنى دەل ھەقىقىي پاكىت ئەمەسمۇ؟» دېدى چىڭشۈي يىڭنەن.

  چىڭشۈي يىڭنەن يەنە مۇنداق دېدى: پاكىت دېگەن پاكىت، ئۇنى توغرا قوبۇل قىلىش كېرەك! ئەمدى ئۇرۇش قىلماسلىق دەل ئەڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭقۇر ساۋاق!

  ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان ياپونىيەدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ 78 يىلدىن كېيىن، «تارىخقا توغرا قاراپ، تىنچلىققا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش» ياپونىيەدىكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن بىر كىشىنىڭ ئەڭ سەمىمىي ساداسى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ