مۇھىم خەۋەرلەر

موڭغۇلىيەدە چۇما كېسىلى گۇمانىي بىماردىن ئۈچى كۆپەيدى

2023.08.15 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق بولىدىغان كېسەللىك تەتقىقات مەركىزى 14-چېسلا ئۇلانباتۇر شەھىرىدە يېڭىدىن ئۈچ چۇما كېسىلى گۇمانىي بىمارىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھازىر گۇمانىي كېسەللىك مىسالىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ گۇمانىي كېسەل يېقىندا ئۇلانباتۇر شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى كېنت ئۆلكىسى ۋە سۇخباتۇر ئۆلكىسىدە سۇغۇر گۆشىنى ئىستېمال قىلغان بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن گۇمانىي كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمغا چېتىشلىق جايلارغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا.

  ئۇلانباتۇر شەھىرى 8-چېسلا چۇما كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىر بىمارنى دوكلات قىلغان بولۇپ، بىمار سۇغۇر گۆشىنى يېگەندىن كېيىن چۇما كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان.

  موڭغۇلىيە سۇغۇر ئوۋلاشنى قاتتىق چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قانۇنسىز ئوۋلايدۇ. موڭغۇلىيەدىكى 21 ئۆلكە ئىچىدە، ھازىر 17 ئۆلكە چۇما كېسىلى خەتەرلىك رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش مەركىزى خەلق ئاممىسىنى ئوۋ ئوۋلاش، سېتىش، سۇغۇر گۆشىنى يېيىشنى قاتتىق چەكلەشنى ئەسكەرتتى. ئەگەر سۇغۇر بىلەن ئۇچراشقاندا قىزىش ۋە بەز ئىششىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تارماقلىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

  چۇما بىر خىل باكتېرىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، دائىم چاشقان، سۇغۇر قاتارلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدىغان بۈرگىدىن تارقىلىدۇ، ئۇنىڭ قوزغىلىشى تېز، كېسەللىك جەريانى قىسقا، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار، كىلىنىكىدا بەز چۇماسى، ئۆپكە چۇماسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ