مۇھىم خەۋەرلەر

پىيۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ يەر شارى بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەلۇم بولدى

%80 زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ قارىغان

2023.08.15 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاشىنگتون خەۋىرى: ئامېرىكا پىيۇ تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان يەر شارى بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 23 دۆلەت، جەمئىي 27 مىڭ ئادەم ئىچىدە، %82 زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ مىقداردا ياكى خېلى دەرىجىدە ئارىلاشتى دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە، گرېتسىيە، كورىيە، ئىسرائىلىيە، ياپونىيە، ئىسپانىيە ۋە شۋېيتسىيەدىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بۇ قاراشتا بولغان؛ %80 ئامېرىكا خەلق ئاممىسى بۇ قاراشتا چىڭ تۇرغان.

  ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى مۇنداق دەپ قارىغان: ئامېرىكا ئۆزىنى ئەركىن، دېموكراتىيەنىڭ «قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختايدۇ، ئەمما دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ قاراش ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئارىسىدا كەڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. ۋېنگىرىيە ۋە گىرىتسىيەدىن كەلگەن %60 زىيارەت قىلىنغۇچى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە، ئامېرىكا مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەخمىنەن %50 زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشمايدۇ ياكى ئەسلا ئويلاشمايدۇ دېدى. ۋېنگىرىيە ۋە ئىسپانىيەدە %80 زىيارەت قىلىنغۇچى بۇ كۆز قاراشنى قوللىدى. %70 فىرانسىيە ۋە شىۋىيتسىيەلىك زىيارەت قىلىنغۇچى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى ۋە نارازى بولدى. ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان شۋېيتسىيە، كورىيە، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئامېرىكىنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ