مۇھىم خەۋەرلەر

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى تاتلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

2023.08.15 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا «ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، تاتلىق ئىچىملىكنى ئازراق ئىچىدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى تاتلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى 50 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 100 مىڭغا يېقىن ھەيز توختىغان ئاياللار. قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تاتلىق ئىچىملىكلىرىنىڭ ( مېۋە شەربىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى دوكلات قىلدى. زىيارەت ۋاقتى ئوتتۇرىچە 20 يىلدىن ئاشىدۇ.

  نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، ھەر ئايدا تاتلىق ئىچىملىكنى ئۈچ ئىستاكاندىن ئاز ئىچىدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تاتلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %85 ، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %68 تىن يۇقىرى بولغان. بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ پەقەت بىر تۈرلۈك كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقات بولۇپ، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تېخى ئېنىق پەرەز قىلغىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقات جەريانى تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۆزى دوكلات قىلغان قوبۇل قىلىش مىقدارى، قەنت مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىدىكەن، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئارقىلىق بۇ خىل خەۋپ-خەتەر باغلىنىشىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك يەكۈن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ جىگەر كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئاممىۋى سەھىيە تاكتىكىسىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ