مۇھىم خەۋەرلەر

بىر كۆچمەنلەر پاراخوتى ئىنگلىز بوغۇزىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

2023.08.14 12:21 مەنبە: خەلق تورى

  فرانسىيە دېڭىز ئىشلىرى تارمىقى 12-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: نەچچە ئون نەپەر كۆچمەن ئولتۇرغان بىر پاراخوت شۇ كۈنى سەھەردە ئىنگلىز بوغۇزىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى سەھەردە كۆچمەنلەر پاراخوتىنىڭ فرانسىيەنىڭ گالاي دېڭىز بوغۇزى ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى بازىرى سانگات ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە توختاپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى دەرھال ئىزدەشكە كىرىشىپ، بۇ پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقى بىلەن 50 نەچچە ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئالتە ئادەم بەختكە قارشى جېنىدىن ئايرىلدى. قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

  فرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ تەپتىش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە تەپتىش مەھكىمىسى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فرانسىيەگە سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن كۆچمەن فرانسىيەدىن ئىنگلىز بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە ئوغرىلىقچە كىرمەكچى بولدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 46 مىڭ ئادەم پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئىنگلىز بوغۇزىدىن ئەنگلىيەگە ئۆتكەن بولۇپ، 2021-يىلىدىكى 28 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشتەك تارىخىي رېكورتنى يېڭىلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ