مۇھىم خەۋەرلەر

ھاۋايدىكى دالا يانغىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 80 گە يەتتى

2023.08.14 12:20 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتى ماۋيى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا، 80 ئادەمنىڭ 8-چېسلا كەچتە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق دالا يانغىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلدى: «لاخەينا»، «پلېخۇ» ۋە «ماۋيى ئىچكى قۇرۇقلۇقى» ناملىق دالا يانغىنى تولۇق تىزگىنلەنمىدى، 11-چېسلاغىچە 1418 ئادەم يەنىلا پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرماقتا.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تىنچ ئوكيان ئاپەت مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاپەت زىيىنىنى باھالاشقا ئاساسلانغاندا، 11-چېسلاغىچە بۇ قېتىمقى دالا يانغىن ئاپىتىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 8.78 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، 2207 ئىمارەت زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ۋەيران بولغان، رېمونت قىلىش مەبلىغىگە 5 مىليارد 520 مىليون دوللار كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  11-چېسلاغىچە، ماۋيى ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئەسلىگە كەلدى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنە ۋاقىت كېتىدۇ.

  نۆۋەتتە، ماۋيى ئارىلىدىكى دالا يانغىنى ئامېرىكىدا يۈز يىلدىن بۇيان جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دالا يانغىنى بولۇپ قالدى. لېكىن ماۋيى ھاكىمى رىچارد بىسون ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى ھازىرقى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا يەنە يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.

  2018-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى «كامپ»تىكى تاغ ئوت ئاپىتىدە 85 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدا 100 يىلدىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان تاغ ئوت ئاپىتى.

  ماۋيى ناھىيەسى ماۋيى ئارىلى، لاناي ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماۋيى ئارىلى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال بولۇپ، ئارالدىكى نوپۇس 100 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ