مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يەنە ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇ ئېقىپ كەتتى

2023.03.27 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇ يەنە بىر قېتىم ئېقىپ كەتتى. ئامېرىكا مىننېسوتا شىتاتىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تاقىلىپ رېمونت قىلىندى

  ئامېرىكا جويۆ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ (Xcel Energy) مىننېسوتا شىتاتىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2022-يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا زور مىقداردىكى ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى دوكلات قىلغان ئىدى. يېقىندا، مەزكۇر شىركەت يەنە ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقاپ، ئۇنى رېمونت قىلىش قارارىنى ئېلان قىلدى.

  جويۆ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ شىركەتنىڭ مىننېسوتا شىتاتىنىڭ مونتىسېلو شەھىرىگە جايلاشقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تەخمىنەن 400 مىڭ گاللون (بىر گاللون 3.785 لىتىرغا تەڭ) ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇ چىقىپ كەتكەن. ترىتىي ھىدروگېننىڭ بىر خىل رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپى. بۇ ۋەقە تۆت ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى ۋە ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى.

  جويۆ ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇرقى ئېقىپ كېتىش نۇقتىسىنى تاپقاندىن كېيىن، شىركەت قىسقا مۇددەتلىك بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويغان. يېقىندا يەنە ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى بايقالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، نەچچە يۈز گاللون يېڭى ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇ ئەسلىدىكى ئېقىپ كېتىش نۇقتىسىدىن ئېقىپ كەتكەن ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر مەسئۇلى بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقاپ، دەرھال تەلتۆكۈس رېمونت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇنىڭ قايتا-قايتا ئېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامما بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن. مىننېسوتا شىتاتىدىكى بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ۋە سەھىيە تارماقلىرى يېقىندا بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ترىتىي تەركىبلىك رادىيوئاكتىپلىق سۇ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىۋاتقانلىقى ياكى خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىسپات يوقلىقىنى، لېكىن يەر ئاستى سۇ ئەۋرىشكىسى داۋاملىق كۆزىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە ئامېرىكا يادرو باشقۇرۇش كومىتېتىنى جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ