دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر قېتىملىق دوستلۇق، ھەمكارلىق، تىنچلىق سەپىرى

​− دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا توختالدى

2023.03.24 14:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئەمدىلا غەلىبىلىك ئاياغلىشىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، بۇ يىللىق جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى پەردىسىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت پۇرسىتى ئالاھىدە، ئارقا كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن كۆپ، نەتىجىسى مول بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، بۇ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغان مەردانە جاسارىتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە سەپىرى يەرشارىۋى جۇغراپىيەلىك سىياسىيسىدىكى تەسىرى چوڭقۇر مۇھىم ئىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ «تىنچلىق قۇرغۇچىسى» بولۇشتەك خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك رولى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق.


  1. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر تەڭشىلىش بولۇۋاتىدۇ. تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق يەنىلا ئەۋج ئېلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى قايتا باش كۆتۈرۈپ، ئىككى خىل ئېقىم، ئىككى خىل يولنىڭ كۈچ سىنىشىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسى دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ.


  زىيارەت پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، كېلىشىۋالغاندەكلا جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى «مۇستەھكەم تۈۋرۈك» دېدى، زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئالاقىدار مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەزەلدىن ئىشنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتالىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل ھالدا ھۆكۈم چىقىرىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ھوقۇقى بار، دۇنيادا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ماس كېلىۋېرىدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى مەۋجۇت ئەمەس، مەلۇم دۆلەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان خەلقئارا تەرتىپ مەۋجۇت ئەمەس، ئىتتىپاق بولغان، بۆلگۈنچىلىك بولمايدىغان، تىنچ بولغان، داۋالغۇش بولمايدىغان دۇنيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئورتاق تىرىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ - قارشىلاشماي، سىغدۇرۇشچان بولۇپ باشقىلارنى چەتكە قاقماي، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە كەڭ نەزەر، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن قاراپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: 10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدىن بۇيان، بۇ ئىدىيە بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى ئاساسىي زىددىيەت ھەرگىزمۇ قىسمەن دۆلەتلەر مۇبالىغە قىلغان ئاتالمىش «دېموكراتىيە بىلەن ھەيۋىنىڭ قارشىلىشىشى» ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات ۋە تەرەققىياتنى توسۇش، ھەققانىيەت ۋە زوراۋانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش. ئەدەپ كەتكەن يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىككە قارىتا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كۈچەيتىشى تېخىمۇ قىممەتلىك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى، بۇ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن ھالقىغان دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.


  2. ئىناق قوشنىدارچىلىقتا، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: 2013 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا موسكۋاغا كەلدى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم رۇسىيەنى يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە زىيارەتكە چىقىدىغان تۇنجى بېكەت قىلدى، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن چىقىرىلغان سىياسىي ھۆكۈم. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كېلىشىدە، ئۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي لوگىكىسى بار. جۇڭگو - رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ قوغداپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 10 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا، دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى؛ جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، زۇڭتۇڭ پۇتىن ھەممىسىگە تولۇق قاتناشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، شى جۇشى مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە كېلەر يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە خەلقى چوقۇم زۇڭتۇڭ پۇتىننى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك ۋە كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.


  زىيارەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت سەمىمىي، دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە بارلىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. رۇسىيە تەرەپ قايتا - قايتا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەنى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن زىيارەتكە چىقىدىغان تۇنجى بېكەت قىلىشى يېڭى دەۋردىكى رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، كەلگۈسىدە رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، چېگرا ھالقىغان قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات» ۋە «2030 - يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگو - رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى نۇقتىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئورتاق ئىمزالىدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا يىرىك پىلان تۈزدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىككى تەرەپ يەنە يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، ئاساسىي پەن تەتقىقاتى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىچكى ئىشلىرىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىش سۇيىقەستىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رۇسىيە تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى پۇختا سىياسىي ئاساسقا ۋە كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، يىللارنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن سەگەكلىك ۋە تەمكىنلىك بار. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ياكى تەۋرىنىپ قالمايدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ئاچقۇچ − دۆلەت بىلەن دۆلەت دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يولنى تاپقانلىقىمىزدا. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى پارلاق، ئالىيجاناب دوستلۇق بولۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان، شەخسىيەتچى، نەزەر دائىرىسى تار ئاشۇ گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.


  3. ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش


  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت دەل ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۇزىراپ كەسكىنلىشىپ، سىرتقا يامراش ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز ئايان بولغان مەزگىلگە توغرا كەلدى، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەشۋىشلىنىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ئۇرۇشنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىنچلىق سادالىرى، ئاقىلانە سادالار ئۈزلۈكسىز توپلاندى. يېقىندا، جۇڭگونىڭ تۈرتكىسى ۋە قوللىشىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەتلىشىپ، ئۇرۇش - ماجرانى تىنچلىق، ئىناقلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى - ئىران بېيجىڭ سۆھبىتى جۇڭگونىڭ ئادىل، ھەققانىي، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، جۇڭگونىڭ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو تەرەپ يېقىندا ئېلان قىلغان «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى» ناملىق ھۆججەتتە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت ئورتاق»، «تۆت كېرەك»، «ئۈچ نۇقتىلىق ئويلىنىش» قاتارلىق يادرولۇق ئىدىيەلەر مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ چۈشىنىشى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇكرائىنا تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو - ئۇكرائىنا دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىختىن قارىغاندا، توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ ئاخىرىدا سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، تىنچلىق ئۈچۈن شۇنچە بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك؛ زىددىيەت قانچە كەسكىن بولغانسېرى، سۆزلىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن شۇنچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، باراۋەر، ئىدراكىي، ئەمەلىي بولغان سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تاپالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە تەڭپۇڭ مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆججەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن قوشما بايانات ئىمزالاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا جەزمەن رىئايە قىلىش، خەلقئارا قانۇنغا جەزمەن ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. رۇسىيە تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن قايتا باشلاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى قارشى ئالدى.


  چىن گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھەم ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، شۇنداقلا كىرىزىسكە ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس، بەلكى كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغۇچى. ئايرىم دۆلەتلەر جۇغراپىيەلىك سىياسىي شەخسىي مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى تىرىشچانلىقىغا جان - جەھلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلدى، ھەتتا تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى، قارا چاپلىدى. لېكىن ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. كىمنىڭ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتقانلىقى، كىمنىڭ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان. جۇڭگو تەرەپ بايرىقى روشەن، باشتىن - ئاخىر ئىزچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تىنچلىق بىلەن ئۇرۇش ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى تاللايدۇ؛ سۆھبەتلىشىش بىلەن جازالاش ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى تاللايدۇ؛ ھارارەتنى تۆۋەنلىتىش بىلەن ئوتنى ئۇلغايتىش ئوتتۇرىسىدا ھارارەتنى تۆۋەنلىتىشنى تاللايدۇ. جۇڭگونىڭ سىياسىي شەخسىي مەنپەئىتى يوق، جۇغراپىيەلىك نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چىن كۆڭۈل - سەمىمىي نىيەت بىلەن كۈچ چىقىرىپ، ئۇرۇشنى توختىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئىپادىسى بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.


  چىن گاڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىر قېتىملىق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، تىنچلىق سەپىرى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. بوران - چاپقۇن ئالدىدا يەنىلا تەمكىن تۇردى. خەلقئارا جەمئىيەت گاڭگىراپ قالغان، تەشۋىشلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە قىممەتلىك مۇقىملىق قوشۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان شىجائىتىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلدى، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلىپ، «يىغىلىش سىگنالى» چېلىندى، بۇ يىل دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىدە كاتتا پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈلۈپ، مول ۋە رەڭدار بولىدۇ. بىز شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ