«يېقىشلىق<سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» 2 ـ بۆلۈم (رۇس تىلى نۇسخىسى) رۇسىيەدە تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

2023.03.22 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پەيتتە، «يېقىشلىق<سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» 2 ـ بۆلۈم (رۇس تىلى نۇسخىسى) رۇسىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاساسىي ئېقىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.


  «يېقىشلىق<سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» 2 ـ بۆلۈم (رۇس تىلى نۇسخىسى)دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر تاللىنىپ، «ئەمەلىي ئىشلەش» «سادىق بولۇش» «سەمىمىي بولۇش» «ئورتاق بەھرىلىنىش» «يېشىل بولۇش» قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ئاساس قىلىدىغان، ئائىلە دۆلەتنى قەلبىگە پۈكىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتى جانلىق نامايان قىلىندى، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يەر شارىۋى قىممەت تاۋلاپ ئىزاھلاندى.


  ئىگىلىنىشىچە، «يېقىشلىق<سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، كورېيە تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىل نۇسخىسى تەھرىرلىنىپ ۋە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ