رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

​شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2023.03.24 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چىن گاڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.


  موسكۋادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېرنىشېنكو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ھەم داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ