شى جىنپىڭ موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2023.03.22 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.


  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان موسكۋا ۋنۇكوۋو مەخسۇس ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېرنىشېنكو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.


  رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ رۇسىيە ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.


  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت چوقۇم مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چىن گاڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.


  جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ