مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، تۈركىيە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى

2023.03.10 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ۋەكىللىرى 9-مارت بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدا شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. شۇ كۈندىكى كېڭىشىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى، لېكىن ئۈچ تەرەپ بۇ يىل 7-ئايدىن بۇرۇن بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ 9-مارت شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ستولتېنبېرگ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە مىسلىسىز تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى. ھازىر بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەستىقلاش تەرتىپىنى تاماملاپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ بۇ يىلقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن رەسمىي ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسەن، ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى بۇلتۇر ھاسىل قىلىنغان ئەسلەتمىنى ئىجرا قىلىشتا قوللانغان كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئوخشاش شەكىلدە سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى.

  شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە 2022-يىل 5-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ئەسلەتمە ئىمزالاپ، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى، سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «خەلق قوغدىنىش قىسمى» ۋە «گۈلەن ھەرىكىتى»نى قوللىمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە تۈركىيەگە دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلغان.

  قائىدە بويىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 30 دۆلەت «بىردەك قوشۇلۇش» شەرتى ئاستىدا ئاندىن يېڭى ئەزا قوبۇل قىلالايدۇ. ھازىر، تۈركىيە بىلەن ۋېنگرىيە تېخى شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى رەسمىي تەستىقلىمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ