مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېسسى بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

2022.12.16 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مېسسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇنى ئارگېنتىنا پۇتبول چولپىنى شۇ يەر ۋاقتى 14-دېكابىر ئۆز دۆلىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جەزىملەشتۈردى.
شۇ جاي ۋاقتى 13-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن كرودىيە كوماندىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بەردى، «پامپاس بۈركۈتى» سەككىز يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە قاراپ ئاتلاندى.


  مېسسى ئارگېنتىنا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ نىشانغا يەتكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. كېيىنكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە يەنە نۇرغۇن يىل كېتىدۇ، مەن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن دەپ قارىمايمەن، بۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى نەتىجە».


  بۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، 35 ياشلىق مېسسى بىر قاتار رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدى: ئۇ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەش توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باسقۇچىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 11 گە يېتىپ، باتىستۇتادىن ئېشىپ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنىگە ئايلاندى؛ ئۇ 25 مەيدان دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، گېرمانىيە رىۋايەت خاراكتېرلىك پۇتبول چولپىنى ماتۋۇس بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان توپچى بولۇپ قالدى، مېسسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشسىلا بۇ رېكورتنى ئۆزگەرتىدۇ.


  مېسسى مۇنداق دېدى: «بۇ رېكورتلار ناھايىتى ياخشى، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى پۈتكۈل كوماندىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھازىر بىز چېمپىيونلۇققا پەقەت بىر قەدەملا قالدۇق، جاپالىق كۈرەش قىلدۇق، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز».


  شۇ يەر ۋاقتى 18-دېكابىر قاتار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ