مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كولورادو ئىشتاتىدا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

2022.11.22 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  19-چېسلا كېچىدە، ئامېرىكا كولورادو ئىشتاتى كولورادو سپرىنگس شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم ئۆلدى، 18 ئادەم يارىلاندى.


  مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئەمەلدارى 20-چېسلا سەھەردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ جاي ۋاقتى 19-چېسلا كېچىدە، ساقچى تەرەپ «Q كۇلۇبى» دېيىلىدىغان كېچىلىك بەزمىخانىدا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە ئارقىدىنلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.


  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادرىئان باسكېس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا جىنايەت گۇماندارىنىڭ 22 ياشتا ئىكەنلىكىنى، بۇ كېچىلىك بەزمىخانىغا مىلتىقلىق كىرىپلا كىشىلەرگە ئوق ئاتقانلىقىنى ئېيتتى.


  ئامېرىكا «قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئارخىپى» تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇ يىل ئاز دېگەندىمۇ تۆت ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئېغىر ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدىن 600 دىن ئارتۇقى يۈز بېرىپ، 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېتىشۋازلىق زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ