مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەردوغان تۈركىيە پەلەستىن بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلايدۇ، دېدى

2022.08.24 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 23- چېسلا مۇنداق دېدى: تۈركىيە پەلەستىن بىلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشى پەلەستىن ئىشلىرىنى قوللاشنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ.

  ئەردوغان 23- فېۋرال پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتكە كەلگەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىكى ئىلگىرىلىشى تۈركىيەنىڭ پەلەستىن ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ. تۈركىيە ئېرۇسالىمنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ كەلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەگە بۇ پوزىتسىيەنى بىلدۈردى.

  ئابباس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، تۈركىيەنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئابباس مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

  2018-يىلى 5- ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تېل ئاۋىفتىن يېرۇسالىمغا كۆچۈرۈلدى، پەلەستىننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە شۇ سەۋەبتىن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى. تۈركىيە ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئىستامبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنى قوغلاپ چىقاردى. بۇ يىل 3- ئايدا زۇڭتۇڭ خېرزوگ بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۇچراشتى، 5-ئايدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

    مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ