مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ غالجىرلاشتى! ئامېرىكىنىڭ 100دىن ئارتۇق ماي ئاپتوموبىلى يەنە ماي ئوغرىلىغىلى كەلدى

2022.08.23 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق قانۇنسىز قوشۇنى 137 ماي باكلىق ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئوغرىلىقچە ئېچىلغان نېفىت بايلىقىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىسى ئارقىلىق ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىغا توشۇغان.

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۇرغۇزغان قوشۇنى كەينى-كەينىدىن سۇرىيە نېفىتىنى ئوغرىلىدى ۋە توشۇدى. 8-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا جەمئىي 600 ماشىنا (قېتىم) ماي ئاپتوموبىلى ئىشلىتىپ، ئاز دېگەندە يەتتە قېتىم سۇرىيە نېفىت بايلىقىنى ئوغرىلىقچە توشۇغان. سۇرىيە نېفىت ۋە قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سۇرىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 14 مىليون 500 مىڭ تۇڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %80 تىن كۆپرەكى «ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئۇ قوللىغان قوراللىق كۈچلەر»نىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىدى، دېدى.

  ئامېرىكا سۇرىيە نېفىت بايلىقىنىڭ %90 ىنى كونترول قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كۈچەيتىۋەتتى

  ھازىر ئامېرىكا يەنىلا سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلەپ، سۇرىيەنىڭ %90 نېفىت بايلىقىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنى قوللىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇرىيەنىڭ نېفىت، ئاشلىق قاتارلىق بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى.

  سۇرىيە نېفىت ۋە قېزىلما بايلىق مىنىستىرى باسام تۇما: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خۇددى دېڭىز قاراقچىسىدەك سۇرىيەنىڭ نېفىت بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ، دېدى. «سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش» تارماق ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى نېفىت بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز تالان-تاراج قىلغانلىقى، سۇرىيەنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكى سۇرىيە خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە ئۇچرىشىدىكى تۈپ سەۋەب.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ