مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاناما ھۆكۈمىتى باھار بايرىمىنى مەملىكەتلىك بايرام قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.11.15 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنىپاناما ھۆكۈمىتى 2022-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارىدىكى يېڭى يىلنى پانامانىڭ مەملىكەتلىك بايرىمى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ھەم باھار بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پانامانىڭ خەلقئارا ساياھەت تونۇشتۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  پاناما دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىۋان ئېسكىدسون يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈگەن پاناما كۆرگەزمە مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قارار پانامادىكى جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىنىڭ پانامانىڭ سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئىرقنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، پاناما ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر پاناما جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەردىكى جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن 2022-يىللىق چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كېڭەيتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، تەبرىكلەش پائالىيىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىقتىسادىي مەھسۇلات ئېلىپ كېلىدىكەن.

  جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي چياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، جۇڭگو چېگراسى سىرتىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار پانامادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەمدە جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىمۇ ناھايىتى كۆپ شەكىللەنگەن.

  پاناما مەدەنىيەت مىنىستىرى كارلوس ئاجىلار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلارنىڭ پاناماغا كېلىش تارىخىنى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ھازىر پانامادا 200 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ياشايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى پاناما مىللىي مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. باھار بايرىمىنى پانامانىڭ مەملىكەتلىك بايرىمى قىلىپ بېكىتىش، پانامانى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بارلىق جۇڭگولۇقلار ئائىلىسىنىڭ بىر يىغىلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگودىكىگە ئوخشاش چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ