مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 58 گە يەتتى

2021.08.16 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى قارادېڭىز بويىدىكى رايونلاردا 11-ئاۋغۇست قارايامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلدى، 14-ئاۋغۇستقىچە ئاز دىگەندىمۇ 58 ئادەم قازا قىلدى، 70 نەچچە ئادەم يوقاپ كەتتى.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى 14-ئاۋغۇست كەچ بايانات ئېلان قىلىپ، قارايامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە كاستامونۇ ئۆلكىسىدە 49 ئادەم، سىنوپ ئۆلكىسىدە سەككىز ئادەم، بارتېن ئۆلكىسىدە بىر ئادەم قازا قىلدى، دېدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۈچ ئۆلكىدە 6500 گە يېقىن كىشى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، ئۈچ ئۆلكىدىكى 2500 گە يېقىن كىشى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە پاراخوت بىلەن بىخەتەر رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سوئىلۇ 14-ئاۋغۇست كاستامونۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كاستامونۇ ئۆلكىسىدە 62 ئادەم يوقاپ كەتتى، سىنوپ ئۆلكىسىدە 14 ئادەم يوقاپ كەتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككى كۈن ئىچىدە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئاپەت رايونىغا 20 توننا يىمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ