رۇسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئوكرائىنانىڭ رەھبەرلىرى شۇ جاي ۋاقتى 11-فېۋرال مىنسىكتا سۆھبەتلىشىشكە يىغىلىپ، 10 ئاي داۋاملاشقان ئوكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرلەشتى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى، ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 كىشى قازا قىلدى. سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن پۇتىن بىلەن پوروشېنكو قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئىككىلىسى كۈلۈمسىىرىمىدى. (سۈرەتتە: پۇتىن بىلەن پوروشېنكو قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.)
شىنخۇا تورى، مىنسىك، 12-فېۋرال تېلېگراممىسى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 12-فېۋرال بلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسىكتا ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئوكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى ئۇنىۋېرسال تەدبىر ۋە ئوكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى 15-فېۋرالدىن باشلاپ ئوكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئېغىر تىپلىق قورال-ياراغلارنى چېكىندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىمۇ (ئوكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە) بۇلتۇر 9-ئايدا ھاسىل قىلغان مىنسىك كېلىشىمىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھۆججەت ئىمزالىدى.
مەنبە: خەلق تورى