خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نويابىر، مىسىر قاھىرەدە، مىترو پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان يارىدار دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىندى. مىسىر تاراتقۇلىرىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى مىترونىڭ بىر ۋاگونىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 16 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىغا دائىر بايانات ئېلان قىلمىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئەخمەد گېما فوتوسى)