يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى 2024-يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپى بويىچە مۇكاپاتلاش-تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پاختا، چىلان، قىزىلچا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېڭەيتكەن ناھىيە، شەھەرلەرگە مۇكاپات-تولۇقلىما بەردى، مۇكاپات-تولۇقلىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 2 مىليون يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال كېڭەيتكەن ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ناھىيە، شەھەرلەرگە بىر قېتىمدىلا 3 مىليون يۈەن مۇكاپات بېرىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى مالىيە مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
2020-يىلىدىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى چىلان «سۇغۇرتا+زاكاز مال» كەسپىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ چىلان باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيىنىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چىلانچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى، چىلانچى دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ