مۇھىم خەۋەرلەر

ئاشكارا توپلىنىدۇ، يەڭگۈچىگە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ!

2024.06.07 23:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ تاشقى تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ بىلىش دەرىجىسى، قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ ئۆزگىچە ئوبرازى ۋە كۆرۈش سېزىمى مەدەنىيىتى بەلگىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى خىزمىتى ئىشخانىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە يۈزلىنىپ بىر تۇتاش ئوبراز بەلگىسى (Logo) لايىھەسىنى ئاشكارا توپلىدى.

  جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ بىر تۇتاش ئوبراز بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لايىھەدە شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشى ۋە رايون ئالاھىدىلىكى ياخشى نامايان قىلىنىپ، ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەم ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوبراز بەلگىسى لايىھەسى نۇسخىسى ئاددىي، ئاسان بىلىنىدىغان، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى، ئىجادىيلىققا ۋە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇشى، ئىپادىلەش شەكلى بىر قەدەر يۇقىرى گۈزەللىك تۇيغۇسى، ھەرىكەتچانلىق ۋە دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم ئەسلى ئىجادىي ئەسەر بولۇشى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلىنماسلىقى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى توپلاش پائالىيىتى ئەسەرلەرنى يىغىش، تور سىرتىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش، توردا بېلەت تاللاش، ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، غەلىبە مۇكاپاتى ۋە تاللىنىش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپات تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە يەڭگۈچىدىن بىرسى تاللىنىپ، 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، تاللىنىش باسقۇچىغا كىرگۈچىدىن 20 نەپەر بولۇپ، ھەر بىرىگە مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ (مۇكاپات پۇلى باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسپى لايىھەلەش شىركەتلىرى، ئىجادىيەت كوللېكتىپى، شەخسلەر قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بەس-بەستە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  تەپسىلاتىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: @qq.com872750755

  ئەسەر توپلاش ۋاقتى يىغىش لايىھىسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 2024-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24 گىچە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ