خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دەم ئالغۇسى بولسىمۇ دەم ئالالماسلىق؛ دەم ئالغىلى بولسىمۇ ياخشى دەم ئالالماسلىق... دەم ئېلىش تەس بولۇش ئىزچىل تۈردە نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «يوشۇرۇن ئازابى» بولۇپ كەلدى. يېقىندا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلار ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە بارلىق ئەھمىيەتسىز نۆۋەتچىلىك قىلىشنى قەتئىي توسۇش، خالىغانچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، دەم ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىشقا بولماسلىق، كادىرلارنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولماسلىق قاتارلىقلار بولۇپ، دەم ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، دەم ئېلىش ھوقۇقىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قايتۇرۇپ بەردى.
دەم ئېلىش ھوقۇقى ئەمگەك قانۇنى، «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزام ماددىلىرىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھەم قانۇنىي ئاساسى ھەم ئىلمىي ئاساسى بار. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن توختىماي ئىشلەش، كېچە-كۈندۈز ئايرىماي ئىشلەش قاتارلىقلار بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتىكى نورمال ھالىتىگە ئايلاندى، ئىشتىن چۈشۈش پەقەتلا «جاي ئالماشتۇرۇپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» بولۇپ قالدى؛ بەزى جايلار دەم ئېلىشنى «ئىشقا دەخلى قىلىدۇ» دەپ قاراپ، دەم ئېلىشنى تۆھپە قوشۇش، كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىش قاتارلىقلار بىلەن قارىمۇقارشى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى دەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، دەم ئېلىشتىن خىجىل بولىدىغان قىلىپ قويدى... ئومۇمەن بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئارام ئېلىشنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئەمما بەھرىمەن بولغىلى بولمايدىغان «قەغەز يۈزىدىكى ھوقۇق»قا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بۇنداق ھادىسە يۈز بېرىشتىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، شەكىلۋازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈستىدە مىڭ تال يىپ بولسا، ئاساسىي قاتلامدا بىر تاللا يىڭنە بار. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ئەستايىدىل بولۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بەزى جايلاردا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئويلاشماي، تۈرلۈك «جىددىي» خىزمەتلەرنى دۆۋىلەپ ئورۇنلاشتۇرسا، دەم ئېلىشنى ئامالسىز كەينىگە سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلمىي ئەمەس. بەزى ئورۇنلار يۈزەكى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەي، ۋەزىپىنىڭ ئېغىر-يېنىك، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ يەتكۈزۈپ، ھەپتە ئاخىرىدا پۈتۈن خادىملارنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە چاقىرىدۇ. نەتىجىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەر كۈنى ھارغىنلىق بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرگە ئەپلەپ-سەپلەپ تاقابىل تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىش ئاكتىپلىقىغا زەربە بېرىپلا قالماي، قىممەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالىدۇ.
ئارام ئېلىش كېيىنكى قېتىملىق تىرىشىش ئۈچۈن كۈچ توپلاشتۇر. شىنجاڭنىڭ ئاچسىمۇ-ئاچمىسىمۇ بولىدىغان يىغىن، يوللىسىمۇ-يوللىمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەتلەر، نامۇۋاپىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئازايتىشنى، ھەرقانداق ئىشنى ئەتىگە قويماسلىقنى تەلەپ قىلىشى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ساغلام بەدەن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دەم ئېلىش ھوقۇقىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەردۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ