مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سەنئەت تۈرلىرىدە ماسقەدەمدە ئارزۇ تولدۇرۇپ ئارخىپ يوللاش يولغا قويۇلىدۇ

2024.06.02 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سەنئەت تۈرىدە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا، ماس قەدەمدە ئارزۇ تولدۇرۇپ ئارخىپى يوللىنىدىكەن.

  ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا، سەنئەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرسلار A، B بۆلەككە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، سەنئەت تۈرىدىكى A بۆلەك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە ئايرىم تەشكىللەنگەن ئالىي مەكتەپ (كەسىپ) ۋە دراما تۈرىدىكى ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە ئىمتىھان نەتىجىسىنى كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى قىلغان ئالىي مەكتەپ (كەسىپ) لەر بولۇپ، بىر ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ئالتە كەسىپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؛ B بۆلەك باشقا سەنئەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى (كەسىپلەر) بولۇپ، بىر ئارزۇ گۇرۇپپىسىدا بەش ماس قەدەملىك ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەر بىر ئارزۇغا ئالتە كەسىپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) ئالدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان تۈركۈمدىكى سەنئەت تۈرىدە بىر ئارزۇ گۇرۇپپىسىدا ئالتە ماس قەدەملىك ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەر بىر ئارزۇغا ئالتە كەسىپنى تولدۇرۇشقا بولىدۇ.

  2024-يىلىدىن باشلاپ، سەنئەت تارىخى نەزەرىيەسى، تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلىرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر بىۋاستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەدەنىيەت دەرس نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى باھاسىنى پايدىلانما قىلىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ