مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن موتوسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قورغاستا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2024.01.29 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ قورغاستا موتسىكلىتنى زاۋۇتتىن چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن موتسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  موتوسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار كەپشەرلەش، قۇراشتۇرۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىدۇ... موتوسىكلىتلار بۇ يەردىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقىپ، پات ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ موتوسىكلىت ياساش تۈرىگە 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان، ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت، ئىككى چاقلىق توكسىكلىت ۋە بىر قىسىم يېقىلغۇ ماي موتوسىكلىتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك موتوسىكلىت كەسپىدە پۈتۈن ئاپتوموبىل ياساشتىكى بېسىش، كەپشەرلەش، سىرلاش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تۆت چوڭ ھۈنەر-سەنئەت يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش 1-دەرىجىلىك مۇندەرىجىسىنى ئىلتىماس قىلىغان. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قورغاس ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

  موتوسىكلىت ياساش تۈرى جايلاشقان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قورغاس تەۋەلىك رايونىغا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، سەككىز تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلغان، تۈرلۈك ئەۋزەل پۇرسەتلەر تېز سۈرئەتتە توپلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن گىرەلەشكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ