جاۋ لېجى موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.26 10:38 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مونخېباتۇر بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قەتئىي قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  مونخېباتېر مۇنداق دېدى: موڭغۇلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، موڭغۇلىيە-جۇڭگو قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ