مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.01.24 08:54 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 23- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزملىق بىرلىك سەپ نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ نەزەرىيەسىنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش داۋامىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ مۇھىم ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئومۇمىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېقىنلاشتۇرۇش، ئومۇمىيەتكە سىڭدۈرۈش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى،« 14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى كۈچەپ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى خىزمىتىنى كۈچەپ پۇختا تۇتۇپ، مۇستەھكەملەش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدىكى زاتلاردىن بولۇش خىزمەت ماھارىتىنى كۈچەيتىش، «ئىككى ساغلاملىق»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ چەت ئەلدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە چياۋمىنلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كۈچەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرى قوشۇنى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى تېخىمۇ توغرا كۈچەيتىدىغانلىقىنى، نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەل قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بىرلىك سەپ خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىك سەپ كۈچىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ