شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.01.26 08:35 مەنبە: خەلق تورى

  1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مىرزىيويېف ۋە رەپىقىسى مىرزىيويېۋا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 32 يىل ئىلگىرى، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلدى، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇق دەرىخى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باراقسان ئۆسۈپ يېتىلدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا كۈنسېرى يۈكسىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. تېخىمۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ياخشى، ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەب ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن ـ ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئىشىنىش ئاساسىدا ئۆزئارا ئالاقە قىلغانلىقىدا، ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ قەتئىي ھالدا بىر ـ بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىيات نىشانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى ماس كېلىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىگە پائال ئۇدۇللىشىپ، ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىقتىساد ـ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشىنى بالدۇر باشلاپ، «قاتتىق ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش» ۋە «يۇمشاق ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ يېشىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كۈچ قوشۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەت كۈنى، سەنئەت بايرىمىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ياشلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتى سانى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا شىئەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ۋە رايون ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا جۇڭگونى تاللىشىم مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو خەلقلىرى مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. مەن ھەر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن زوقلاندىم. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، جۇڭگونىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە چوقۇم يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلغان. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىمىزنى ئورتاق جاكارلىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ئېنېرگىيە، يەرلىك، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. يېقىندا، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى، يۈز مەكتەپ ھەمكارلىق مۇنبىرى، ساياھەتنى كېڭەيتىش ۋە ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت كۈنى، نامراتلارنى ئازايتىش مۇنبىرى قاتارلىق مول پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئۆزبېكىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق رىشتى ھەم ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئۆزبېكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار يەرشارىۋى ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. بۇلتۇر 5 ـ ئايدا شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى كۈچەيتىشتە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مېنىڭ ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى. شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، ئىقتىساد ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، مۇھىت قوغداش، يېڭى ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكا، ئادىمىيەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتى، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مىرزىيويېف ۋە رەپىقىسى مىرزىيويېۋا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. مىرزىيويېف شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا مىرزىيويېف ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ