لى چياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2024.01.26 10:47 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چىن بويۇڭ، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىس خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۈي قاتارلىقلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق ئىگىلىكىنى قايتا ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لى چياڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇشىمىز، ھەم تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقىنى كۆرۈپ، باشتىن-ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى تەيفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ