خەن جېڭ جىبۇتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دىلېتا بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.24 08:55 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 23- چېسلا بېيجىڭدا جىبۇتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دىلېتا بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022 - يىل 12 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ گېللې بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو - قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ «2035 - يىللىق ئارزۇ» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، جىبۇتى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  دىلېتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىبۇتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى جىبۇتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. جىبۇتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ