خەن جېڭ ناۋرۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانگېمىن بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.26 10:42 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق سارىيىدا ناۋرۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانگېمىن بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ناۋرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىشى زۇڭتۇڭ ئادىئاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزىرىنى تولۇق نامايان قىلدى. تارىخ بۇنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. جۇڭگو ناۋرو بىلەن ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ. خەن جېڭ جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسەت ئىدىيەسىنى شەرھلىدى، جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئاساسىدا، چامىنىڭ يېتىشىچە ناۋرونىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ناۋرونىڭ دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالدى.

  ئانگېمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ناۋرۇنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغۇزدى، جۇڭگو بىلەن ھەمراھ بولۇش ناۋرۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىدۇ. ناۋرو جۇڭگو بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە ئۈچ چوڭ دۇنيا تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ