دىڭ شۆشياڭ دۇنيا بانكىسى ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.26 10:39 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا دۇنيا بانكىسى ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ياخشى ھەمكارلىقى بار، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ، نەتىجىسى مول. جۇڭگو دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتور بولۇپ قالدى. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال پايدىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  دۇنيا بانكىسى ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى زىيارەت ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ