شى جىنپىڭ جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۇدا يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2024.01.26 08:39 مەنبە: خەلق تورى

  1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا ئوت ئاپىتى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ھادىسىدە 39 كىشى ئۆلۈپ كەتتى، 9 كىشى يارىلاندى، ھېلىھەم قاپسىلىپ قالغانلار بار.

  ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۈزبەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى، سەۋەبىنى تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئەستايىدىل بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۇدا يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: كۈچ تەشكىللەپ قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ھەم ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن جايدا ئۇدا ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاجىز ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىقىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جياڭشى ئۆلكىسى، شىنيۈ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ