شى جىنپىڭ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بروۋن بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.26 08:43 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئانتىگۋا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بروۋن بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  1- ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئانتىگۋا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بروۋن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئانتىگۋا ۋە باربۇدا يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان شەرقىي كارب رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 41 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر ـ بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە باربۇدانىڭ باشتىن ـ ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ئانتىگۋا ۋە باربۇدانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا شەرقىي كارب رايونىدىكى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان دۆلەت، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ، ئانتىگۋا ۋە باربۇدانىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت رامكىسى ئىچىدە، ئانتىگۋا ۋە باربۇدا تەرەپ بىلەن سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى ئېنېرگىيە، داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇشتا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە باربۇدا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئانتىگۋا ۋە باربۇدانىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك ئارال دۆلەتلىرى خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بروۋن مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ھۆكۈمىتى ھەم خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى ئانتىگۋا ۋە باربۇدانىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بەردى. جۇڭگو چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئارزۇغا پائال تۈرتكە بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە چاقىرىق كۈچىنى نامايان قىلدى، ئۇ جەزمەن تېخىمۇ كۆپ يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ يولى ۋە تۈزۈمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلغان. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، تەيۋەن ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى، ئانتىگۋا ۋە باربۇدا تەرەپ داۋاملىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىم ئارقىلىق ئانتىگۋا ۋە باربۇدا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانتىگۋا ۋە باربۇدا داۋاملىق ھالدا كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ