شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2024.01.26 11:02 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى چوڭ ئىش. رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن دېگول جياڭجۈن قالتىس ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاسارىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۇنياغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىچە تارىخى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت «جۇڭگو - فىرانسىيە روھى»نى ياراتتى. يېڭى دەۋردىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىگە پائال يۈزلىنىپ، دادىل نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؛ جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كېڭەيتىشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جۇڭگو - فىرانسىيە تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، تورتنى چوڭايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىشى، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. كېيىنكى 60 يىلدا، جۇڭگو - فىرانسىيە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جەزمەن يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونمۇ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى. ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: 60 يىل ئىلگىرى، دېگول جياڭجۈن لاگېرلار قارشىلىشىشى لوگىكىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتەك تارىخىي قارارنى چىقارغانىدى. بۈگۈن بىزنىڭ 1964 - يىلى بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشان ئاساسىدا، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. 2024 - يىلى يەنە فىرانسىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت - ساياھەت يىلى، ئىككى تەرەپ مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئىككى دۆلەت يەنە پارىژدىكى ۋېرسال سارىيىدا جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ باشلىنىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ